|
作词 : YasinjanTurdi |
|
作曲 : YasinjanTurdi |
|
مەدەنىيەت بۆشۈكى قەدىم قەشقەردىن |
|
ئېلى تارىم ، دولاندا مەشرەپ بەزمىسى |
|
سەنئەتتىن شادلىنار بارچە كۆڭۈللەر |
|
بۇ ھاياتنىڭ كۈي-ناۋاسىز نىمەمەنىسى |
|
خەلقىمىز ئىچىدىن چىقتى ئابدۇللا |
|
بىزلەرگەتەۋەرۈك پاشاھەدىمىز |
|
سەنئەتنى سەنئەتتەك تونۇتقاچ ئەلگە |
|
ئۇلار سۇنغان زەم-زەم دىن ياشناردىلىمىز |
|
ئوسمان ئەمەت...ئېيتىۋاتقان12مۇقام |
|
خەلقىمىزنىڭ ئەبەدىيلىك ئىپتىخارىمىز |
|
ئىسكەندەر سەيپۇللا ھېكىمكام...››لارنىڭ |
|
سەنئەتكە بىر ئۆمۈر سىڭگەن مېھنىتى |
|
ئاماننىسا، تۇرداخۇن، زىكرىكام...لارنىڭ |
|
مەڭگۈگە يادلىنار ئەجىر تۆھپىسى |
|
غىياسىدىن،خارىس ئاشرۇف،تۇرسۇن قادىرنىڭ |
|
ئەبەدىل يادلىنار ئەجىر تۆھپىسى |
|
مۇزىكا ھاياتنىڭ بولغاچ مۇڭ كۈيى |
|
ئۇنىڭدىن نۇر ئالار سۆيگۈ چەشمىسى |
|
سەنئەتكە مېھنەتنى قىلغاچ چىن دىلدىن |
|
چاقنىغان شۇڭلاشقا ئۇيغۇرنەغمىسى |
|
ئەجدادتىن-ئەۋلادقا تۇتاشسۇن قوللار |
|
گۈللەنسۇن مەڭگۈگە ئۇيغۇر سەنئىتى |